خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» نىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دۇخان بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلگەن.
ما شىڭرۇي يىغىن جەريانىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات پەلسەپىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. ھەمدە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياشاش، تەرەققىيات ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ. بولۇپمۇ، بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىمىز خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ھەقىقى پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش مەجبۇرى ئەمگەك مەۋجۇت دەپ خالىغانچە تۆھمەت قىلدى ۋە ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق سۆزىنى قوللاندى، شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە خادىملىرىغا نىشانلىق قانۇنسىز جازا يۈرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، ئالاقىدار شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقۇق نامىدا كىشىلىك ھوقۇققا پۈتۈنلەي دەخلى-تەرۇز قىلدى. يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى پىتى-ئىغۋا تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇلار شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەرەققىياتقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق باھانىسى بىلەن شىنجاڭدىن پايدىلىنىپ خىتاينى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممەيلەنگە ئايان. ئالاھىدە دوكلاتچى ئالېنا دۇخاننىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى ئۇنىڭ شىنجاڭنى چوڭقۇر ۋە ئوبيېكتىپ چۈشىنىشى ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەينەن ئەكىس ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرى زىيارەت جەريانىدا، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بۇ جايلاردىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى زىيارەت قىلغان. ۋە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، خىزمەتچىلەر، ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىرتىدا ياشايدىغان كۆچمەن ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان