Press "Enter" to skip to content

1 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان سۇ تېجەش تۈرى باشلاندى

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ جان تومۇرى بولغان تەبئىي سۇ بايلىقىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ،  4-ئاينىڭ 3-كۈنى باي ناھىيىسىدە 2024-يىللىق ئاتالمىش سۇ تېجەش تۈرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتى  شەرقىي تۈركىستاننىڭ باي ناھىيەسىدە باشلىغان 1 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغان 2024-يىللىق ئومۇمىي پىلانىدىكى 8 مۇھىم سۇ تېجەش تۈرى رەسمى يولغا قويۇلغان. بۇ تۈر 9 يېزا-بازار ۋە كەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سۇغىرىش كۆلىمى 354 مىڭ 200 مو،  مەنپەئەتلەنگۈچى نۇپۇس سانى 100،000دىن ئاشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، بىخەتەر سۇ يۆتكەش، سۇ تېجەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە باشقا ساھەلەر» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تەبئىي سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشىنى تولۇق كونترول قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG