خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىر دەرىجىلىك يىغىنى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى تەسىس قىلىنغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياڭشى: «ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا شى جىنپىڭ باشقىچىلىدىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە >خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى< ئىمزالىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرسىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ ئەھۋال ئىككى تەرەپنىڭ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى پۇختا ئاساسقا ۋە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە قويۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالتە دۆلەت رەھبىرىنىڭ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىللىق بىلەن يولغا قويۇپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايمىز» دېگەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز يىغىن جەريانىدا: «شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي يەنە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئىگە بولدى. بىز بۇ مىنىستىرلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، چېگرا ھالقىغان جىددىي قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز» دېگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇق سۆزلەپ، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئورتاق قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىققا بىرلىكتە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئاخىرىدا ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە «2024-2026يىللىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق پىلانى» ئىمزالاپ ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان