خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورنىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، خىتاي دۆلەت مىنىستىرلىكى ئۇچۇر ئاخبارات ئىشخانىسى بېيجىڭدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى» ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
ئەركىن تۇنىياز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:« شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە شىنجاڭنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن يول ۋە غەربكە ئېچىۋېتىلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇردى. بىر بەلباغ-بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىقيەتلىك باشلىدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 57 ۋە% 45.9 ئاشتى. <سەككىز چوڭ سانائەت توپى> قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، 100 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى 11 چوڭ تۈر ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا 10 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى 11 چوڭ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2023-يىلى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 66 مىليون 60 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش مىقدارى 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. 2023-يىلى، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليارد كىلوگرامدىن ئېشىپ،پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقتارىنىڭ % 34.4 نى ئىگىلىدى. پاختا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ% 91 نى ئىگىلەپ، ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنىڭ تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى قەتئىي قوغدىلىپ، خىتاينىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك توساق بەرپا قىلىندى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇقىم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى روھى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتماقتا.»
ئەركىن تۇنىياز ئاخىرىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» نى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان