Press "Enter" to skip to content

قەشقەر شەھرى 4 ئايدا 5 مىليون ساياھەتچى كۈتۈۋالغان

 خىتاي مەركىزىي خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە،  1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركستاننىڭ قەشقەر شەھىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مىليونغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئاتالمىش تەرەققىيات، سودا-ئىقتىساد ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش تەشۋىقاتلىرى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 5 مىليون 624 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 43.47 ئاشقان. ساياھەت كىرىمى 4 مىليارد 272 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 102.85 ئاشقان.

 خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي شەھەر ئۇسلۇبىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلىرى، بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلىرى، قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG