Press "Enter" to skip to content

شاڭخەيدىن قەشقەرگە دائىملىق بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان يولغا قويۇلدى

  خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 10-ۋە 18-ماي كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شاڭخەي پۇدوڭدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە ئۇچىدىغان يېڭى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى يولغا قويىدىكەن.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، شاڭخەيدىن بىۋاستە قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەي ۋە قەشقەرنىڭ ئىقتىساد، سودا-سانائەت ، مەدەنىيەت،  باشقا ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقلىرىغا تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇرۇن شاڭخەيدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار شىئەن ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ئالمىشىپ، 8 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىۋاستە ئۇچۇش لېنىيىسى رەسمى سەپەر باشلىغاندىن كېيىن 2- سائ‍ەتتىن 3- سائەتكە قەدەر ۋاقىت تىجىلىدىكەن.

 خىتاينىڭ دېيىشىچە، شاڭخەي ۋە قەشقەر ئوتتۇرىسىدىكى سەپەرنىڭ قىسقىرىشى ۋە دائىملىقى قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا ساياھەت قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG