Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتىدىغان خىتاي-ياۋروپا پويىزىنىڭ سانى 5000 دىن ئېشىپ كەتتى

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، 2024-يىلى 1-ئايدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر، قورغاس ۋە بۆرتالا چېگراسىدىن ئۆتىدىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) پويىزلىرىنىڭ سانى 5300 پويىز قېتىمدىن ئاشقان.

 خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس ۋە بۆرتالا رايونىغا جايلاشقان ئاتالمىش قوش تۆمۈريول پورتلىرى، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن قانال  بولۇپ، خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇ جايلاردىن ئۆتىدىغان پويىزلارنىڭ سانى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) سودىسىنى ۋە  ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگەن.

 ئىگىلىنىشىچە، قورغاس تۆمۈريولى چېگراسىدىن ئۆتىدىغان 81 خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) پويىز لىنىيىسى، بۆرتالا تۆمۈر يولى چېگراسىدىن ئۆتىدىغان 118 خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) پويىز لىنىيىسى بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG