خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيە ئىسلام ئاقساقاللىرى كېڭىشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنىڭ ئاق مەسچىت، ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئاتالمىش مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىناقلىق قاتارلىق بۇرمىلاپ پەردازلانغان ئاتالمىش ھەقىقىي ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئاقساقاللار ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىت ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام ئىنستىتۇتى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ جايدىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان كىشىلەر بىلەن دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئاقساقاللار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇقام مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇلار يەنە بۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ، ئىقتىساد، تەرەققىيات، ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئارقىلىق تەربىيىلەنگەن ئاتالمىش دىنى خادىملارنى تەربىيىلەش، دىنىي سورۇنلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تۈرلۈك تەدبىرلەردىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانلىقى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان