Press "Enter" to skip to content

لى چياڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشكە كەلدى

 خىتاي ئېنېرگىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 5-ئاينڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە،  خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 7-مايدىن 9-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلغان.

 لى چياڭ زىيارەت جەريانىدا: «شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋاغنىڭ يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشتە ئالتۇن كۆۋرۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇ رايوننىڭ خىتاي-ياۋروپا يۈك پويىزىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئەڭ ياخشى سانائەت ئېكولوگىيىسى بەرپا قىلىش كېرەك» دېگەن.

لى چياڭ يەنە تەكشۈرۈش جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋىزا سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ داۋالاش، يېمەكلىك، ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇھىم سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي-شەرقىي تۈركىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، ۋە ئېنېرگىيە، كۆمۈر، خىمىيىلىك بۇيۇملار قاتارلىق ئالاھىدە ۋە ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG