Press "Enter" to skip to content

 شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى % 50 كە يېقىن ئاشقان

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستان تاشقى سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 137 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 49.5 ئاشقان. بۇ يىل 4-ئايدىلا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ  تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ ، بىر ئاي ئىچىدىلا 40 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

 ئالدىنقى تۆت ئايدا ، شەرقىي تۈركىستان 197 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 28.1 ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 67.4 نى ئىگىلىگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالدىنقى ئۈچ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولغان. بۇ 4-ئاي مەزگىلدە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتنى شىددەت بىلەن ئاشقان.

 ئالدىنقى تۆت ئايدا، خام مىس ماتېرىياللىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 156.2 ئاشقان ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 31.3 ئاشقان. ئېكسپورت جەھەتتە ئالدىنقى تۆت ئايدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مېخانىك ۋە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 61.4 ئېشىپ، تاشقى سودا ئېكسپورتنى 20.1 پوئىنت ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG