Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركستان-ئوتتۇرا ئاسىيا قوش يۆنىلىشلىك ساياھەت يۇقىرى پەللىگە چىقتى

 خىتاي خەلق تورىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن چېگرا ھالقىپ شەرقىي تۈرركىستان كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 869 مىڭ ئاددەم قېتىمدىن ئاشقان. خەلقئارا ساياھەت كىرىمى 594 مىليون دوللار بولغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 421.49 ۋە% 353.77 ئاشقان.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىن كىرىپ-چىقىدىغان ساياھەتنىڭ كۈنسېرى مودا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن ۋە باشقا پايدىلىق ئامىللارنى قوللانغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمى يىپەك يولى يادرولۇق رايونى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ساياھەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەر تۈرلۈك ھەركارلىقلارنى ئىزچىل كۈچەيتكەن. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ھەمكارلىقى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلىپ قىلغان.

 ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، قازاقىستان بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئېشىش نىسبىتى بولسا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 886.75 بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG