Press "Enter" to skip to content

2-نۆۋەتلىك ئاتالمىش شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

 ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بۆلۈمى» تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە جىنايەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ جىنايىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى» ئۆتكۈزۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ دېيىشىچە، خىتاي بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ ۋە ھەر مىللەت جەمئىيىتىنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆستۈرۈپ، ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىينىتىڭ كۈچەيتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

 بۇ پائالىيەتنى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ساياھەت ئىدارىسى» ھەرقايسى رايون ۋە شەھەرلەر تەشۋىقات بۆلۈمى ھەم مەدەنىيەت ساياھەت تارماقلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت 26-ئاپرېلدىن 12-مايغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش مەيدانى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىمۇ تارماق مەيدانلار قۇرۇلۇپ ، مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى» دا جەمئىي 769 مەيدان نومۇر قۇيۇش پىلانلانغان بولۇپ، ھەرخىل مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى، سەنئەت كۆرگەزمىسى ۋە گۇرۇپپا ئويۇنلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 خىتاينىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى» خىتاينىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ماركىسى تۈرى بولۇپ، بۇ سەنئەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ ئىناق ۋە خۇشال ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ۋە نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. خىتاي يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بۇ رايوندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە سىڭدۈرۈپ، خىتاي مىللىتى بىلەن باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىدەك ئاتالمىش جانلىق كەيپىياتنى نامايەن قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن. ھەمدە خىتاي ئۇسلۇبىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» نى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ھەرقانداق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG