Press "Enter" to skip to content

2023-يىللىق پاختا سانائىتى تەرەققىيات مۇنبىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىدۈرىلىشچە: 2023-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» پاختا سانائىتى تەرەققىيات مۇنبىرى يىغىنى 15-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىننى خىتاي مەملىكەتلىك پاختا سودا بازىرى ، خىتاي پاختا جەمئىيىتى ، خىتاي ھۆكۈمىتى پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى جەمئىيىتى ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» پاختا سانائىتى تەرەققىيات باشلامچى گۇرۇپپا ئىشخانىسى، خىتاي يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ»شۆبىسى، بېيجىڭ پاختا نازارەت ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ۋە خىتاي پاختا ئۇچۇر تورى تەرىپىدىن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىنغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى، سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرى ، پاختا سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، توقۇمىچىلىق ۋە پاختا سانائىتى ئىمپورت-ئېكىسپورت زەنجىرسىمان كارخانىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق ۋەكىللەر قاتناشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىدا دۇنيانىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى خىتايغا، خىتاينىڭ پاختىسى شەرقىي تۈركىستانغا قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

ئاتالمىش «شىنجاڭ» دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ ، ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ پاختا تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم يادرولۇق ئورنىنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، ھەمدە مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى، شۇنداقلا ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا غايەت زور پايدا مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG