خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2024-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» لۇق مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات يىغنىنى 26-مايدىن 28-مايغىچە تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىنغان.
بۇ يىغىنغا، ئارگېنتىنا، كامبودژا، زىمبابۋې، جەنۇبىي ئافرىقا، ئېكۋاتور، فىلىپپىن، ھىندىنوزىيە، ئىران ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق، ۋە ساياھەت ۋاكالەتچىلىرى، خىتاي دۆلەت ئىچى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرى ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.
ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» لۇق مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتالمىش مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى بولۇپ، بۇ يىغىندا كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا خەلقئارالىق ساياھەت ۋاكالەتچىلىرى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. خەلقئارا ساياھەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە چەتئەللىك ساياھەت ۋاكالەتچىلىرى خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى يەرلىك مەدەنىيەت ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە، خەلقئارا كۆز قاراش ۋە تۇنۇشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان