خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 26 -يانۋار قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيىسىدە يېڭى قۇرۇلغان 600،000 كىلوۋاتلىق يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تۈرى رەسمىي تورلاشتۇرۇلغان.
1-ئاينىڭ 26-كۈنى ، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيىسىدە خىتاينىڭ تارىم نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان 600،000 كىلوۋاتلىق يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تۈرى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تورغا ئۇلىنىپ ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يەككە يورۇقلۇق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تۈرىدە يېڭى رېكورت ياراتقان.
بۇ قۇرۇلۇش 2023-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 20 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن، بۇ خىتاي تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ يەككە يورۇقلۇق يۇقۇرى بېسىملىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، بۇ يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ئىستانسىسى، مۇشۇ تۈردىكى 40 تىن ئارتۇق ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ئارىسىدا توك بېسىمى ئەڭ يۇقىرى ، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ تۈرنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 40 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن ، بۇ تۈر 312 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى ھەر يىلى 812 مىڭ توننا ئازايتقاندا باراۋەر ئىكەن، بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تور ئۇلىنىشى بىلەن ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ يىللىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
