خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينى26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يول يورىقىغا ئاساسەن
ئاتالمىش«شىنجاڭ»نىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئائىت مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە ،ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەت 26-چېسلا ئۈرۈمچىدە تور مەدەنىيەت يىغىنى ئاچتى.
بۇ قېتىملىق تور مەدەنىيەت يىغىنى يېڭى دەۋردە خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان سوتسىيالىزم ئىدېئولوگىيىسى بىلەن يېتەكلىنىپ. خىتاي كومپارتىيىسى 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ. پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى توغرىسىدىكى مۇھىم ئوي-پىكىرلىرىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇپ. . دۇنيا ئۈچۈن ئىزچىل مەدەنىيەتلىك ۋە بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاق ۋە ئاتالمىش«گۈزەل شىنجاڭ» تور سۇپىسى ۋە ئوبرازىنى تىكلىمەكچى ئىكەن.
ھازىر ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ 5G تورى ئاساسىي جەھەتتىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنى ۋە مەمۇرىي كەنتلەرنى تولۇق قاپلىغان، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرۇش بىرىكمە سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتى يادرولۇق ئاممىۋى قوللاش سۇپىسى ، ناھىيە ، شەھەر ، رايون ، كوچا ، مەھەللە ، تۆت دەرىجىلىك سىستېما ، بۇلۇت تورى ، تولۇق قاپلاشنى ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى نىسبىتى% 90 كە يېتىدىكەن.
بۇ يىغىننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئىنتېرنېت ئەۋزەللكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ گۈزەل ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئاتالمىش«شىنجاڭ» خەلقىنىڭ ئەركىن ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايەن قىلىپ ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىشنى مەقسەت قىلغان.
