شەرقىي تۈركىستان 2023-يىلى جەمئىي 95 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپ چىقارغان
خىتاي ئېلېكتىر خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىلىچە: ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 95 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپ چىقىرىلىپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا بىخەتەر يەتكۈزۈلگەن، بۇ توك تارقىتىش شىركەتلىرى بۇ يىل تەخمىنەن 23 مىليارد 500 مىليون يۈەن مۇقىم كىرىم ياراتقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەش كەمچىل بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي دۆلەت ئېلېكتر تورى ،ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە 16 شەھەر-ۋىلايەت بىلەن 20 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان،
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ رايون ۋە مۇھىت ئەۋزەللىكى، توك ئىشلەپ چىقىرىش، تەمىنلەش ۋە يوللاش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، توك ئىشلەپ چىقىرىش ۋە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مىقياسىدا توك بىلەن تەمىنلىشىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان، ۋە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە 17 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت، جياڭسۇ ئۆلكىسىگە 14 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت ۋە چۇڭچىڭغا 8 مىليارد 60 مىليون كىلوۋات سائەت يەتكۈزۈلگەن.