Press "Enter" to skip to content

خىتاينىڭ 4 ئۆلكىسى قەشقەر شەھىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە بىرلەشمە قۇرۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاينىڭ 4 ئۆلكىسى قەشقەر شەھىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە بىرلەشمە قۇرۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاينىڭ تۆت ئۆلكىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئەركىن سودا رايونى بولغان قەشقەر شەھىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە بىرلەشمە قۇرۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

ئاتالمىش «ئەركىن سودا رايونى بولغان قەشقەر» شەھىرى، خىتاينىڭ تۆت ئۆلكىسى (شەندۇڭ ، شاڭخەي ، گۇاڭجۇ ، شېنجېن) قاتار لىق شەھەرلەر بىلەن، ئاتالمىش «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى» ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە بىرلەشمە قۇرۇلۇش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىمزالانغان بۇ ھەمكارلىق كېلىشىدە: خىتاينىڭ تۆت ئۆلكە ۋە شەھەرلىرى، قەشقەر رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، خەلقئارا سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى تىجارەت مەركەزلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قەشقەر شەھىرىنى «بىر بەلۋاغ – بىر يول» نىڭ مەركەزلىك رايونى سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،

شۇنداقلا، ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىش، سانائەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ، سانائەت ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، دائىملىق ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر بۆلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» ئەۋزەللىكى ۋە بايلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تېخىمۇ قولاي شارائىتلارنى ھازىرلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئىقىتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG