خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 50 يېڭىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كان قۇردى
خىتاي مەركىزى خەۋەرلەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى، بۇ يىل ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيىل شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 50 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان» بەرپا قىلغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا% 82 ئاشقان، كان تۈرى جەھەتتە 25 نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كانى، 18 كۆمۈركان كان ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ دانە ھاك تېشى كانى، ئىككى تۆمۈر كانى، بىر تۇز كانى ۋە بىر قۇرۇلۇش قۇم كانى بار ئىكەن.
ھازىرغا قەدەر ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 111 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك كان 61 گە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كان» 50 كە يەتكەن، يەنە شەرقىي تۈركىستاندا، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم ۋە چوڭ كاندىن 10نى كان بار ئىكەن.
