خىتاي جىنتەي تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: زۇمرەت ئۇبۇل خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دوستلۇق ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنگالغا زىيارەتكە بارغان.
12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قورچاق مۇدىرى زۇمرەت ئۇبۇل »، ئاتالمىش «خىتاي-شىنجاڭ» دوستلۇق ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنېگالنى زىيارەت قىلىپ، يىغىن، ئالماشتۇرۇش، مۇزاكىرە ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ توقۇلما ئاتالمىش«شىنجاڭ ھېكايىسىنى» ئاڭلاتقان.
زىيارەت جەريانىدا ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە چەتئەلدىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە پىكىر ئالماشتۇرغان، ھەمدە چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا ئالماشتۇرۇش ۋە تەشۋىقات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
زىيارەت جەريانىدا، زۇمرەت ئۇبۇل ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللىي ئىتتىپاقلىقى ، دىنىي ئىناقلىق ۋە باشقا جەھەتتىكى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نى تونۇشتۇرغان، ھەمدە ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خىتايغا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇم ۋە تۆھمەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ھەمدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي ئافرىقا ۋە سېنېگال ۋەكىللىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى يەرشارىنى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ۋە باشقا تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئاراغا قوشقان ئاتالمىش تۆھپىلىرىنى ئېغىز-ئېغىزغا تەگمەي ماختاشقان.
