Press "Enter" to skip to content

خىتاي دۆلەتلىك پاختا يىپ سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 12-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە پىلانى ۋە يوليۇرۇقى بىلەن، خىتاي دۆلەتلىك پاختا يىپ سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە رەسمى قۇرۇلغان.

خىتاي دۆلەتلىك پاختا يىپ سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى ، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشقان.

مۇراسىم جەريانىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭ» رايونى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا تېرىش ئومۇمىي كۆلىمى 37 مىليون 450 مىڭ موغا يەتكەن، پاختا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 391 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، خىتاي رايونىنىڭ ئومۇمىي پاختىسىنىڭ % 90.2 نى ، دۇنيادىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ % 21 نى ئىگىلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي دۆلەتلىك پاختا يىپ سودا مەركىزى: پاختا يىپ مەھسۇلاتلىرى سودىسى ، سانائەت مۇلازىمىتى ۋە باشقا قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇلار نەق مال تىزىملىكى سودىسى ، نەق مەيدان بىر تەرەپلىمە خېرىدار چاقىرىش سودىسى ، سۆھبەتلىشىش سودىسى ۋە باشقا كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يەنە تەمىنلەشنى تەڭشەش ۋە پاختا يىپنىڭ ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ۋە سودا ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سانائەت زەنجىرىدىكى بارلىق ئۇلىنىشلارنىڭ قويۇق باغلىنىشى ۋە ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ پاختا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سانائىتى توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، خەلقئارادا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG