Press "Enter" to skip to content

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قىلىپ تەستىقلاندى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: يېقىندا ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى كۆپ تىللىق بىلىش ۋە ھېسابلاش خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى» خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان.

«يىپەك يولى كۆپ تىللىق بىلىش ۋە ھېسابلاش خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» مائارىپ مىنىستىرلىكى تەستىقلاپ قۇرغان تۇنجى خەلقئارالىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەلقئارالىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى: ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى»، ئاتالمىش «شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكا تەجرىبىخانىسى» ۋە قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئۇنۋېرسىتىتى كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتى، سۈنئىي ئىدراك ئىنستىتۇتى ۋە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى ھەم باشقا چەتئەلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىرلىكتە قۇرغان ئىكەن.

بۇ خەلقئارالىق ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنى بەرپا قىلىشتىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، كۆپ خىل ۋە كۆپ تىللىق ئۇچۇرلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى جامائەت پىكىرىنى تەھلىل قىلىش، تور مەزمۇنى بىخەتەرلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى ، مەدەنىيىتى ، ساياھەتچىلىك ، سودا، پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا ساھەلەردە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشتىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سودا ئالماشتۇرۇشىغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG