خىتاي قارمىقىدىكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇشۇرۇپ، خەلقئارانى ئالداش مەقسىتىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى» ناملىق تۇنجى كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
20-دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ قانۇنلۇق قوغدىلىشى توغرىسىدىكى تۇنجى كۆك تاشلىق كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، مەزكۇر كتاپ بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنى جەھەتتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان ئاتالمىش بەختىيار تۇرمۇشىنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇنلۇق قوغداشنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى تىلغان ئېلىنغان.
مەزكۇر كىتاب ئومۇمىي دوكلات ، ئالاھىدە دوكلات ، تەتقىقات دوكلاتى ۋە دېلو مىسالى قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ
بۇ كىتابنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەرەققىيات ۋە تەتقىقات مەركىزى بىلەن غەربىي جەنۇب سىياسىي پەن ۋە قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە تۈزگەن بولۇپ، ئومۇمىي دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننى قوغداشنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئانالىزچىلەرنىڭ دېيىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى» ناملىق بۇ كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم خەلقئارانى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم، مەزكۇر كىتاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇرمىلاپ ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنىڭ ئەمەلى كارتىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى، ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدىغان پىسخىكىلىق بېسىمغا دۇچار بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
