Press "Enter" to skip to content

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكاغا رەددىيە بەردى

بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ؛ ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» توغرىسىدىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىشى ۋە خىتاينىڭ ئىككى ئەمەلدارى ۋە ئۈچ خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكى، ئامېرىكا ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىنى جازالىشىغا قارشى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا مۇناسىۋەتلىك يالغان ھېكايىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئويدۇرۇپ چىقاردى ۋە تارقاتتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قانۇنسىز جازا يۈرگۈزدى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان سالدى، ھەمدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قەتئىي ئەيىبلەيدۇ ، ھەمدە ئامېرىكانى كەسكىن سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

ماۋ نىڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلگە قارشى جازا قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئاتالمىش «شىنجاڭ» غا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئىسپات سۈپىتىدە توپلاپ، ئامېرىكىغا قانۇنسىز يەتكۈزگەن ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ۋە سانلىق مەلۇمات شىركىتى بولغان (Kharon) خارون شىركىتى، ۋە شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش دېرىكتورى (Edmund Xu) ئېدموند شۈ ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى (Nicole Morgret)نىكول مورگرېت قاتارلىق ئىككى كىشى ۋە بىر شىركەتكە قارشى تەدبىر قوللىنىپ ، يۇقارقى ئىككى كىشىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ، ھەمدە يۇقارقى شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك ۋە بانكا ھېسابلىرىنى توڭلىتىدۇ، ۋە خىتاي ئىچىدىكى ئالاقە ۋە سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەش جازاسى يۈرگۈزىدۇ.

ماۋ نىڭ ئاخىرىدا: بىز ئامېرىكىنى خىتايغا قارا چاپلاش ۋە تۆھمەت قىلىشنى توختىتىشىنى ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە قانۇنسىز بىر تەرەپلىمە جازا قوللىنىشىنى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يۈرگۈزۈشنى توختىتىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG