Press "Enter" to skip to content

خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات ۋە مائارىپ پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ» گېزىتى تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە: 27-دېكابىر ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ «مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى كورلا شەھىرىدىكى ياشلار ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇنىۋېرسال مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ پائالىيەت يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى 14 ۋىلايەت ، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئورۇنلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەشۋىقات ۋە مائارىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

بۇ پائالىيەتكە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ ، پائالىيەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە مائارىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ، قانۇننى ئۆگىنىش ، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئورتاق ئومۇملاشتۇرۇپ ، خەلق ئارىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە تەرتىپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

ئانالىزىچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پائالىيەتنى باشلاش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم باستۇرۇپ ۋە يوقۇتۇپ-قىرغىن قىلىش شەپىسىنى بەرمەكچى ئىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG