Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 10 مىليون توننىلىق كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى باشلىدى

خىتاي قارمىقىدىكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى 28-دېكابىر كۈنى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، 2-نومۇرلۇق 10 مىليون توننىلىق كۆمۈر كانىنى قېزىشنى باشلىغان.

خوڭشاۋچەن 2-نومۇرلۇق كۆمۈر كان قۇدۇقى ئاتالمىش «شىنجاڭ» جۈندۇڭ ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كان رايونىنىڭ گېئولوگىيىلىك زاپىسى تەخمىنەن 5 مىليارد 857 مىليون توننا توننىدىن ئاشىدىكەن، بۇرايوندىن چىقىدىغان كۆمۈر، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىسسىقلىق كۆمۈر ۋە خىمىيىلىك كۆمۈر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 مىليون توننا، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى باسقۇچتا تەستىقلانغان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلىغا 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن، خوڭشاچۇەن 2-نومۇرلۇق كۆمۈر كان پىلانى، ئاتالمىش خىتاي «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» نىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىدىن بىرى بولۇپ،

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ ، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبئىي بايلىق زاپىسىنى قېزىشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ كۆمۈر، تەبئىي گاز، نېفىت ۋە باشقا تۈرلۈك قېزىلما بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە باشلىغان، ھازىرغا قەدەر ، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى خېيشەن كۆمۈر كانى ، جۈندۇڭ كۆمۈر كانى ۋە خوڭشاچۇەن 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كانى قاتارلىق ئۈچ چوڭ كۆمۈر كاننى قېزىپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن، خوڭشاچۇەن 2-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرىنىڭ ئومۇمىي پىلانلانغان مەبلىغى 9 مىليارد 988 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى باسقۇچلۇق مەبلەغ 5 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولغان، بۇ شىركەت شەرقىي تۈركىستاندا مىليارد توننىلىق كۆمۈركان قۇرۇش پىلانىنى رەسمى باشلىغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG