Press "Enter" to skip to content

خىتاي تەكلىماكاندا 10،000 مېتىرلىق چارلاش قۇدۇقىنى قېزىشنى تىزلىتىۋاتىدۇ

خىتاي قۇرۇلۇش تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا ،خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى 10،000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى چارلاش قۇدۇقىنى قېزىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇرغىلاش پىلانىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11،000 مېتىر ئىكەن. بۇرغىلاش بۇلتۇر 5-ئايدا  باشلانغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىم بۇرغىلاش رېكورتى ياراتقان.

 خىتاي تارىم نېفىتلىكنىڭ باش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چۈنشېڭ «10،000 مېتىردىن كېيىنكى نىشانىمىز، ئۇ بىزنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايقىشىمىزدىكى مۇھىم رايون. گېئولوگىيىلىك مۆلچەرگە قارىغاندا، 10 مىڭ 600 مېتىر بىزنىڭ ئاساسلىق نىشان قەۋىتىمىز. كېيىنكى يېرىم يىلدا بىز لايىھىلەنگەن قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11،000 مېتىرغا يىتىپ،  ئىلمىي ئىزدىنىش مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي ، يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايقاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمىزنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 ئۇ يەنە « تارىم تېفىتلىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭقۇر ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايقاشتىكى ئاساسلىق رايونغا ئايلاندى. شېنجېن تاكو 1-قۇدۇقى جايلاشقان تارىم ئويمانلىقى  دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونى ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ نەتىجىسىدە، 8000 مېتىردىن تۆۋەنكى يەر قاتلىمىدا، نېفىت ۋە تەبىئىي گېئولوگىيىلىك بايلىق ئومۇمىي مىقدارى 9 مىليارد توننىدىن ئېشىپ ، دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر بايلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG