خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 20-فېۋرال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمەتلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» نىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا كۈچلۈك دېھقانچىلىق بازىسى رايونى قۇرۇش نىشانىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بازىسى قۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يەنە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، يېزا ئىگىلىكنى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاتالمىش يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختاپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ رايوننى داۋاملىق خىتايچە ئۇسلۇبتا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بىر قاتار كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.
ماشىڭرۈي يىغىن جەريانىدا «ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت مۇقىم ۋە بىخەتەر تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بۇ رايوندا زاپاس ئاشلىق ساقلاش بازىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئىلگىرىكىدىن 1 مىليون توننا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 22 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئاشلىق ئىمپورت قىلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇپ ، دۆلەتلىك ئاشلىق زاپىسى ئامبىرى قۇرۇش خىزمىتى جىددى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. پاختا كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 5 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا «ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچلەندۈرۈپ ، زامانىۋى كۆكتات كەسپى زەنجىرىنى بەرپا قىلىش ۋە باقمىچىلىق كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئالاھىدە بېلىقچىلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زامانىۋى دېھقانچىلىق سانائىتى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىلىپ كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشلىقىنى ئومۇمىي يۈزلۈك كونترول قىلىپ، ئاشلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 100 دىن ئارتۇق جىددى ئەھۋالدا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش مەركىزى ۋە 3000 دىن ئارتۇق ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كارخانىسى قۇرغان بولۇپ، بۇ جايلاردا يېمەكلىكنىڭ يېتەرلىك تەييارلىق ۋە ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ زاپاس ئاشلىق ۋە يېمەكلىكلەرنى ھالقىلىق پەيتلەردە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان