Press "Enter" to skip to content

قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

 خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىتاي-قازاقىستان ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە B2B بايلىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنى  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

  بۇ تەشۋىقات يىغىنىدا قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلغان ۋە تونۇشتۇرغان. بۇ يىغىغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ساھە ۋە جەمئىيەتلىرى ، ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ، مەنزىرىلىك جايلار ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

  تەشۋىقات يىغىنىدا ، خىتاي ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر ساياھەت ۋە سودا تىجارەت تۈرلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ يىغىندا قازاقىستان ۋەكىلى « خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، قازاقىستان-خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېز تەرەققىي قىلدى. قازاقىستان بىلەن شىنجاڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ يېڭى ساياھەت لىنىيىسى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، ئىقتىساد ۋە سودا قاتارلىق كەسىپلەردىمۇ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG