خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ» شۆبىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى رايونىدا، بىر تۈركىيە بانكىسىنىڭ چېگرا ھالقىغان خىتاي خەلق پۇلى ھېساباتىنى ئاچقان. بۇ ئۈرۈمچى ئەركىن سودا رايونىدا چەتئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ئاچقان تۇنجى چېگرا ھالقىغان خىتاي خەلق پۇلى ئارا ھېساباتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى خەلقئارا ئىشلار مەسلىھەتچىسىنىڭ دېيشىچە بۇ ھېساباتنىڭ ئېچىلىشى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچېوت سودىسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە قۇلايلىقلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدىكەن. يەنە خىتاي بىلەن تۈركىيەدىكى تاشقى سودا شىركەتلىرىنىڭ راسچوت قىلىش يولى تېخىمۇ كېڭىيىدىكەن. بۇ ھېسابات ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىىتاي ۋە تۈركىيە كارخانىلىرىنىڭ پېرېۋوت تەننەرخى ۋە پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپىنى ئازايتىپلا قالماي، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى فوندىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قىلىپ تەسىس قىلىنىشى بىلەن خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا ئالماشتۇرۇش داۋاملىق چوڭقۇرلاشقان. خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى ھەمكارلىقى ۋە تۈركىيە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق بارغانسېرى كۈچلەنگەن. چەتئەلدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ھازىرقى ھېساباتىنى ئېچىشى خىتاي-تۈركىيە سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ راسچوت قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
