Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىتساننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى خىتاي بويىنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان

  خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنسىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ، شەرقىي تۈركىتساننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 43 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 33 ئېشىپ، خىىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش مىقدارىنىڭ % 46 نى ئىگىلىگەن. بۇ ئېشىش ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى جەھەتتە خىتاي دۆلىتى بويۇنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى% 79.5 كە يەتكەن. قازاقىستان بىلەن بولغان سودا كۆلىمى جەھەتتىمۇ يەنىلا شەرقىي تۈركىستان بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG