Press "Enter" to skip to content

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى توشۇشنى تىزلىتىۋاتدۇ

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يولى 53 مىليون 810 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 21.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 28 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 52 ئاشقان.

 خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆلكىرىنىڭ كۆمۈر ترانسپورتىغا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي تۆمۈر يول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆمۈر يولدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆمۈرنىڭ پويىزلارغا تېز يۈكلىنىشى ۋە تىز توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئەشيا ئوبوروت شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، گەنسۇ، نىڭشيا ۋە باشقا جايلاردا كۆمۈر ساقلاش ۋە توشۇش بازىسى قۇرغان.

خىتاي 2024 يىلى شەرقىي تۈركىستاندا، دۆلەتلىك چوڭ كۆمۈر تەمىنلەش بازىسى قۇرۇشتا يېڭى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە قۇمۇل رايونلىرىدا 100 مىليون توننىلىق ئىككى چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغان. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خام كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 7.7 ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG