Press "Enter" to skip to content

ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت» ۋەكىللەر ئۆمىكى كۇۋەيتتە

  خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت» تارماقلىرى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن 58 كىشىلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت» ۋەكىللەر ئۆمىكى 26-مايدىن 28-مايغىچە كۇۋەيتنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئاتالمىش «خىتاي مەدەنىيەت كۈنى» نامىدا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

  27-چېسلا كۇۋەيتنىڭ خاۋالى ئۆلكىسى كۇۋەيت خىتاي مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «خىتاي مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىدە، خىتاينىڭ تەشكىللىشىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق «مەدەنىيەت-سەنئەت» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇ يەردىكى خىتاي سۆيەر كۇۋەيت سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنى جەلپ قىلغان. پائالىيەت جەريانىدا كۇۋەيت يازغۇچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئەسرا ھايات مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ باي ۋە رەڭدار ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ھەقىقى چۈشەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.، ئۇ :«بۇ پائالىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە رەڭدارلىقىنى تاشقى دۇنياغا كۆرسىتىش ۋە نامايان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

  بۇ پائالىيەتنى خىتاينىڭ كۇۋەيتتىكى باش ئەلچىخانىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى، خىتاي تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتكە كۇۋەيتتىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ »سەنئەت تىياتىرخانىسى ساھىبخانىلىق قىلغان. 

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG