Press "Enter" to skip to content

ئاالمىش شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى

خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە،  7-مارت كۈنى خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى يىغىنىغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ خەلق قۇرۇلتىيى زالىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» زالىدا  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا 64 يەرلىك ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىدىن 125 مۇخبىر قاتناشقان.

 خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) مۇخبىرى ما شىڭرۇيدىن خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قانداق قىلىپ تولۇق ، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇش توغرىسىدا سورىغان سۇئالىغا:

ما شىڭرۈي: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ، يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۆزى بىر قوللۇق يۈرگۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قارىدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.  بىز شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىنى كۈچەيتىمىز. بىز ئوخشىمىغان مىللەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە مەدەنىيەت بىرلىشىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ ، خىتاي ئورتاق تىل ۋە يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا زامانىۋىلاشقان گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

 مۇخبىرى ئەركىن تۇنىياز ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنى قۇرۇش ۋە غەربكە ئوچۇق كۆۋرۈكلۈك خىزمەت قىلىش ھەققىدە» سوئال سورىغاندا:

ئەركىن تۇنىياز سوئالغا جاۋابەن: « شى جىنپىڭ بىر بەلۋاغ- بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان ، شىنجاڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئېچىۋېتىلىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. بىز شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋاغ يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىپ ، شىنجاڭنى يۇقۇرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىتۇق.بىز بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

 يەنە ئالاقىدار ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ «پاختىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك» توغرىسىدىكى  سورالغان سوئالغا : « ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك نامىدا شىنجاڭنىڭ پاختا يىپ سانائىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ، ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭ خەلقىنى مەجبۇرىي ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقتا قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققى قىلىشىنى چەكلەشكە ئورۇنۇۋاتىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن. 

شەرقىي تۈركىستاندىكى ​​«ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى» توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت تىياتىرخانىسىنىڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن ۋەكىل دىلشات پەرھات: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە زور تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش دەۋرىنى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ جايدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەيدىغان نەرسە يوقلىقى» نى بايان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG