Press "Enter" to skip to content

ئامېرىكا ئەمەلدارى چەتئەل شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا چاقىردى

 خىتاي تېڭشۈن تورىنىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرلىشىچە، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى (Thea Lee) تېئا لى خانىم 30-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى-خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇ رايوندىكى شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ مۇستەقىل بىر شەكىلدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەم بۇ رايوندىكى شىركەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشىنى ئېيتقان ئىدى.

 ئەكسىچە، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئەمگەك ھوقۇقىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلالمايدىغانلىقىنى، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتىسىز مۇستەقىل ھېچقانداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بۇ جايدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىسا بىردىنبىر مەسئۇلىيىتى بۇ رايوندا تىجارەت قىلماسلىقىنى بايان قىلغان.

 خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تېئا لىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن: «ئاتالمىش ​​مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنى خالىغانچە باستۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىقىدۇر» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG