خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز 13-ماي شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكادىكى خەلقئارا خىتاي پەن-تېخنىكا سودا جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ رايوننى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ما شىڭرۈي ئۇچرىشىشتا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسىتىنى كۈتۈۋالماقتا. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، بولۇپمۇ تەبئىي بايلىق مەنبەسى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى بار. بىز بۇ ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كان مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىق ئىقتىسادى ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېخىمۇ تېزلىتىمىز. شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى پېرېۋوت ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكادىكى خەلقئارا جۇڭگو پەن-تېخنىكا سودا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىمىز.»
ئامېرىكادىكى خەلقئارا خىتاي پەن-تېخنىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى داشى مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى خىتاينىڭ ئومۇمىي دۆلەت ۋەزىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا يېڭى تەرەققىيات مۇھىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ۋە شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ھېس قىلدۇق. جەمئىيىتىمىز بۇ رايون بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.»
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
