Press "Enter" to skip to content

ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلار ئ‍ۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ 2700 يىل بۇرۇن مېڭە ئوپېراتسىيىسى قىلغانلىقىنى دەلىللىدى

2023-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيادا نوپۇزلۇق بولغان «يېڭى ئالىم» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان رايۇنىدىن تېپىلغان بىر باش سۆڭەكنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسى 2700 يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەمنىڭ مېڭە ئوپېراتسىيسى قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاز دېگەندە ئىككى ئاي ياشىيالىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

تېكساس يېزا ئىگىلىك ۋە مېخانىكا ئۇنىۋېرستېتى{Texas A&M University}نىڭ ئالىملىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان رايۇنىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ياڭخەي قەبرىستانلىقى دىن چىققان بىر باش سۆڭەكنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، 2700 يىللار بۇرۇن ياشىغان ئەر كىشىنىڭ مېڭىسگە قان چۈشكەنلىكىنى ۋە يەرلىك تىۋىپلارنىڭ باش سۆڭەكنى تېشپ مېڭە ئوپېراتسىيسى قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ تەتقىقاتلار ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر كىشىنىڭ يېشى 30-35 لەر ئەتراپىدا بولۇپ، تەسادىبى ۋەقەدە باش قىسمى يارىلىنىپ مېڭىسىگە قان چۈشكەن. ئامېركالىق ئالىملار شامان دوختۇرلىرى دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر تىۋىپلار مېڭە ئوېراتسىيسى ئارقىلىق يارلانغان كىشىنى قۇتقۇزغان. داۋالانغان كىشى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىككى ئاي ئەتراپىدا ياشىغان.

تۇرپاندىكى سۇبېشى مەدەنىيىتىگە تەۋە ياڭخەي قەبرىستانلىقى 1970 يىلى بايقالغاندىن بېرى دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن بولۇپ 2003 -يىلىدىن كېيىن 500 دىن ئارتۇق قەبرە قېزىلغان. جاھانغا مەشھۇر بولغان 3 مىڭ يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئىشتان ۋە ئەڭ قەدىمى خۇرۇم توپلار، ئەڭ قەدىمكى نان ۋە تۈگرىلەر مانا مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان. كۆپچىلىك غەرپ ئالىملىرى بۇ قەبرىستانلىقتىن چىققان ئاسارە ئەتىقىلەرگە ئاساسەن بۇ يەردە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، ئاتنى نەپىس جابدۇپ مىنەلىگەن مەدەنى مىللەت ياشىغان دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان بولسىمۇ، بۇ يەردە ياشىغان ئاق تەنلىق قەدىمى مىللەت بۇ زېمىنغاباشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن ھىندى ياۋرۇپا قان سىستېمىسىدىكى مىللەت دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئارخېلوگلىرى ۋە تارىخچىلىرى بۇ قەبرىلەرنىڭ ۋە يادىكارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ كەلگەن. 2020-يىلىغا كەلگەندە بۇ قەبرىستابلىق ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان غەرب ئالىملىرى يېڭى بايقاشلار ئارقىلىق تۇرپان سۇبېشى مەدەنىيىتىنى ياراتقان كىشىلەرنىڭ بۇ زېمىندا مۇز دەۋرىدىن بېرى يەنى ئاز دېگەندە 20 مىڭ يىلدىن بېرى ياشاپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG