Press "Enter" to skip to content

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» تۆت چوڭ ئەزا كۆچۈرۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېىشىلىچە: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 2023-يىلىدىكى ئادەم ئورگانلىرىنىڭ كۆچۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

«ئادەم بەدىنىگە ئەزا كۆچۈرۈش نىزامى» ۋە ئادەم بەدىنىگە ئەزا كۆچۈرۈش سالاھىيىتىنى تەستىقلاش تەرتىپىگە ئاساسەن ۋە ئالاقىدار داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىگە ئەزا سالاھىيەت ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» ئۆپكە ، جىگەر ، يۈرەك ۋە بۆرەكتىن ئىبارەت تۆت ئەزانى كۆچۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىنبىر ئاممىۋى داۋالاش ئاپپاراتىغا ئايلانغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دىكى ھەر مىللەت كىشىلەرنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن. بۇ ئەزا كۆچۈرۈش سالاھىيىتىنىڭ تەستىقلىنىشى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» نىڭ ئورگان كۆچۈرۈش يېڭى تىجارىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىكەن.

كەلگۈسىدە، بۇ دوختۇرخانا ئەزا كۆچۈرۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ ،خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەللىك ئەزا كۆچۈرۈش بىمارلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىكەن، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەت بىمارلارنى «ئىشىك ئالدى» غىچە بېرىپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئەزا كۆچۈرۈش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىۋېلىش ئەتكەسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئورگان كۆچۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەزا كۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، دوختۇرخانىنىڭ ئورگان كۆچۈرۈش خىزمىتىنى دۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG