Press "Enter" to skip to content

ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ئىككى يىغىنغا چەتئەل تاراتقۇلىرىمۇ قاتناشقان

خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،  29-يانۋار كۈنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دا باشلانغان  ئىككى يىغىنىغا چەتئەل تاراتقۇلىرىمۇ  تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

 بۇ ئىككى يىغىن ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

  بۇ يىغىنغا چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەم چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ تۇنجى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

  يىغىن باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 28-چېسلا ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ،  بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا خىتاي مەركىزى تاراتقۇلىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تاراتقۇلىرى ،شياڭگاڭ رادىئو ئىستانسىسى، جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى، فىنكىس تېلېۋىزىيەسى، ئاۋمېن ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن ئون نەچچە تاراتقۇ  ۋاستىلىرى  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە،ھىندونېزىيە، سىنگاپور ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن 4 چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسىمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

  كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزىدىغان ئۆزىنىڭ ئىچكى يىغىنىغا ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر چەتئەل تاراتقۇسىنى ۋە چەتئەل مۇخبىرىنى قۇبۇل قىلمىغان ھەم قاتناشتۇرمىغان.

 بۇ قېتىمقى خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان ئىككى يىغنىغا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا زور غۇل-غۇلا قوزغىغان.

  ئانالىزچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىنغا چەتئەل تاراتقۇسى ۋە مۇخبىرلرىنى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ سىياسىتىنىڭ ھەر كىشىگە ئۇچۇق ۋە ئاشكارە ئىكەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار ياسالما سىياسىتىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى يوققا چىقىرىشقا ئورۇنغانلىقىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ئىكەن.  

 شۇنداقلا خەلئارانىڭ بېسىمىغا قاتتىق دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرىقىغا ئوخشاش خەلقئاراغا ئوچۇق تەشۋىقات قىلىشقا مەجبۇرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG