خىتاي تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن بۇ ئاتالمىش زىيارەتكە قازاقىستان، جەنۇبىي كورېيە، قىرغىزىستان، كامېرون، مالايسىيا، نىگېرىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. بۇ زىيارەت گۇرۇپىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى ۋە يىپەك يولى مۇزېيى ، ئاتالمىش«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى»، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزى» ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت قىلغان.
ئانالىزىچىلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاي بۇ ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئاتالمىش زامانىۋىلاشقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقى ئەھۋالنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى يېپىشقا شېرىك قىلىشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان