Press "Enter" to skip to content

بىر بەلۋاغ بىر يول كۆكتات سانائىتى تەرەققىيات يىغىنى قەشقەر يېڭى شەھەردە ئۆتكۈزۈلدى 

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ، 2024-يىللىق «بىر بەلۋاغ بىر يول» مېۋە-كۆكتات سانائىتى تەرەققىيات يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن نەق مەيدان ۋە تور ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، يىغىنغا قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەردە ئايرىم زال تەسىس قىلىنىپ بىرلا ۋاقىتتا  ئۆتكۈزۈلگەن.

شۇ كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرى، خىتاي ئۆلكىرىلىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. يىغىن جەريانىدا قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت رايونى بىلەن سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاينىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەر رايونىنىڭ مېۋە-كۆكتاتچىلىق كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 2023-يىل كۆكتات تېرىش كۆلىمى 1.5 مىليون مودىن ئاشقان. مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكەن. يېڭى شەھەر ناھىيىسى قەشقەر رايونىدىكى يادرولۇق كۆكتات تېرىش مەركىزى بولۇپ ، كۆكتات تېرىش كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG