Press "Enter" to skip to content

چىڭگىل ناھىيىسى چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭگىل ناھىيىسىگە جايلاشقان خىـتاي-موڭغۇلىيە چېگراسىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى 3 ئايلىق ئىمپورت-ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان. ئ‍ستاتىستىكىغا قارىغاندا بۇ ئۈچ ئاي داۋامىدا بۇ چېگرادىن ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 693 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 28.77 ئاشقان. ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى تەخمىنەن 914 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 3.04 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 672 مىڭ 800 توننا كۆمۈر ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 26.92 ئاشقان، ئېكسپورت سودا مىقدارى ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان.

  خىـتاي-موڭغۇلىيە چېگرا پورتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي رايونى چىڭگىل ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، موڭغۇلىيەنىڭ خوۋد ئۆلكىسىگە قوشنا ئىكەن.  بۇ پورت خىتايدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن موڭغۇلىيەگە بىۋاستە ئېچىۋېتىلگەن ئەڭ چوڭ پورت ھېسابلىنىدىكەن.  2013-يىلدىن 2023-يىلغىچە بۇ چېگرانىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت يۈك مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پورتى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ، ھەمدە ئۇدا 11 يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى موڭغۇلىيە بىلەن بولغان تۆت پورت ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ، بۇ چېگرا پورتىنىڭ مۇساپىسى قىسقا بولۇپ ھەم قولايلىق بولۇپ قاتناش مەنزىلى روسىيە ۋە سىبىرىيە تۆمۈر يولىغا تۇتۇشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG