Press "Enter" to skip to content

چۆچەك تاموژنىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى شىددەت بىلەن ئاشقان

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 02-ئاينىڭ 13-كۈنىدكى خەۋىرىدە  بىلدۈرىلىشىچە،  يېقىندا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان يۈك ماشىنىلىرى چۆچەك تاموژنسى تەكشۈرۈش مەركىزىدە تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن ، ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا نورمالسىزلىق بايقالمىسا ، بۇ ماللار گېرمانىيىگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

  2024-يىلدىن باشلاپ ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك تاموژنسى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ كۈچلۈك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ يىل 1-ئايدىلا 2500 دىن ئارتۇق سودا ماشىنىسى ئېكسپورت قىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 29.6 ئاشقان. مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە  ئېكسپورت قىلىنغان سودا ماشىنىلىرىنىڭ سانى يېڭى رېكورت ياراتقان.  1-ئاينىڭ 30-كۈنى  چېگرادىن كىرىش-چىقىش  قېتىم سانى 328 قېتىمغا يىتىپ،  بۇ ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقۇرى رېكورتنى ئىگىلىگەن.

 چۆچەك تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2023-يىلى چۆچەك تاموجنىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت يۈك مىقدارى 627 مىڭ توننا بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 82.4 ئېشىپ ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. 2023-يىلى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك رايونىدىكى خىتاي-قازاقىستان چېگرا ئېغىزىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ قىممىتى 437 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، شەرقىي تۈركىستان رايونى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

 خىتاي يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان سودا دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەر بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، چېگرىداش باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG