خىتاي سانائەت ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي ENFI قۇرۇلۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» كوئىنلۇن سىنك چەكلىك شىركىتى، يىللىق 600 مىڭ توننا قوغۇشۇن ۋە سىنىك ئېرىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى ئۈچۈن ئومۇمىي توختام ئىمزالىدى.
بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» كوئىنلۇن سىنك چەكلىك شىركىتى، قوغۇشۇن-سىنىك رۇدىسىنى ئېرىتىش تۈرى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قوغۇشۇن-سىنىك رۇدىسىنى ئېرىتىش تۈرىگە ئايلىنىدىكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ» خۇاشاۋيۇن قوغۇشۇن-سىنىك ئېرىتىش تۈرىنىڭ رۇدا خام ئەشياسى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان بولۇپ، بۇ كان خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 1-كان ھېسابلىنىدىكەن، دۇنيا بويۇنچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ كاندىن ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭ توننا قوغۇشۇن ۋە سىنىك رۇدىسى خام ماددىسى قېزىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.
بۇ كان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، يىلىغا 560،000 توننا سىنك خام ماددىسى بىرىكمىسى، ۋە 110 مىڭ توننا قوغۇشۇن خام ماددىسى تاۋلاپ ئىشلەپ چىقىرالايدىغان.
