Press "Enter" to skip to content

ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تۇنجى بىر تۈركۈم تۈرلەر ئىمزالاندى

ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونى يەنى (يېڭى شەھەر رايونى) دا ئۈرۈمچى ئەركىن سودا رايونىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار بۆلىكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرلەرگە مەركەزلىك ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا ، 10 مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرىنى 10 ھەمكارلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى بىرلىكتە ئىمزالىغان ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار رايونىغا ئورۇنلاشقان كارخانىلارغا نەق مەيداندا تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلغان،

ئىگىلىنىشچە ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ » ئەركىن سودا رايونىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىقتىدار رايونىدا ئىمزالانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئېلېكترونلۇق سودا ، يېڭى ئېنېرگىيە ، يېڭى ماتېرىيال ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG