Press "Enter" to skip to content

«ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار،
ئۇيغۇر پروجېكت فوندى بۇ يىل (يەنى 2023-يىلى) 9-ئايدا، «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» دېگەن بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 نەپەر زىيالىي «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە تەھدىتلەر، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» دېگەن مەزمۇنلاردا يېرىم سائەتتىن لېكسىيە سۆزلەيدۇ. سوئال-جاۋابلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ۋاقىت بېرىلىدۇ. لېكسىيە ھەممەيلەنگە ئوچۇق بولۇپ، لېكسىيىگە كەلگەن قېرىنداشلارغا 37 نەپەر يازغۇچى يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا تەييارلىغان 44 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن «دەۋر ۋە بىز» دېگەن باسما كىتاب بىردىن تەقدىم قىلىنىدۇ. بىز ئىمكانىيىتى بار بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر لېكسىيەگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. سوئالى بارلار ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن ئېلخەت ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئالاقىلاشسا بولىدۇ (erkinsidiq@gmail.com).
ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر پروجېكت فوندى
2023-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى

لېكسىيە ۋاقتى: 2023-يىلى 23- ۋە 24-سېنتەبىر (شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى)
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دىن كەچ سائەت 18:30 غىچە

لېكسىيە ئورنى:

ISEFAM Konferans Salonu
İstanbul Sabahattin Zaim Üniversitesi
Adres: Halkalı Cad. No: 281 Halkalı Küçükçekmece / İSTANBUL

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG