Press "Enter" to skip to content

جاڭ چۈنلىن خوتەندە خىتاي تىلىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا توختالدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىشىلىچە: 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» نى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ۋەمائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ كاتىپى جاڭ چۈنلىن خوتەن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، خىتاي دۆلەت تىلى ۋە يېزىق ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

جاڭ چۈنلىن خوتەن رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ ، كارخانا ، يېزا رايونلىرى ، سانائەت باغچىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان، جاڭ چۈنلىن شى جىنپىڭنىڭ مائارىپقا ئائىت مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇپ ، تىل خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، خىتاي ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ۋە توختىماستىن خىتاي مىللىتى ئۈچۈن كۈچلۈك مەھەللە ئېڭى بەرپا قىلىش،

ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى ئورتاق تىلدا داۋاملىق تەربىيىلەش ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى مەكتەپلەردە خىتاي ئورتاق تىلنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى تېىخىمۇ ئۆستۈرۈش، خىتاي ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئومۇملاشتۇرۇش ، بۇنىڭغا دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىتىش، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG