Press "Enter" to skip to content

ما شىڭرۇي ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللەر ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

  خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 27-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن پەلەستىن، سۈرىيە، لىۋان، مىسىر، ئىراق، ماۋرىتانىيە، ئىئوردانىيە، ماراكەش ، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.ما شىڭرۇي خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ما شىڭرۇي يىغىن جەريانىدا بۇ رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىناق ۋە ئىنتايىن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ھەرخىل دىندىكىلەر ئىناق-ئىتتىپاق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى خىتايغا قارشى كۈچلەر ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، مىللەت، دىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردە يالغان ۋە تۆھمەتلەرنى توختىماستىن تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي دۆلىتىنى كونترول قىلىش. سىلەر بۇ بىرقانچە كۈن جەريانىدا شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىمۇ زىيارەت قىلسىلەر. سىلەر چوقۇم شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىسىلەر. بىز يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىشنى ۋە بۇ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە سۆزلەپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

  ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر خىتاينى ماختاپ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلقىنى يېتەكلەپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارادىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يەرلىك شارائىتنى ئاساس قىلىغان قىلغان ھالدا باشقۇرۇشنى يولغا قويدى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئىنتايىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى قالايمىقان قىلىشقا ئورۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يالغان ۋە تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ خىتايغا قارا چاپلاۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلىمىز. ئۇلارنىڭ مەقىسىتى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ۋە پارچىلاشنى مەقسەت قىلىغان. بىز بۇ زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز شىنجاڭدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ  ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە تۆھپە قوشىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG