خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي ياپونىيەنىڭ (Soka Gakkai) سوكا گاككەي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە كۆرۈشكەن.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. سوكا گاككەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان نەق مەيدان زىيارىتى ياپونىيە بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ياپون ياشلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپ يىللاردىن بۇيان سوكا گاككەي جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇقىغا سادىق بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاكتىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قىممەتلىك تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تېخىمۇ كۆپ زىيارەتتە بولۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ياپونىيە بىلەن ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ھەمدە تېخىمۇ ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
ياپونىيەنىڭ سوكا گاككەينىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى يوشىكى خاسېگاۋا: «ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇقىدا ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سوكا گاككاي ياپونىيە ياشلىرىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. مەن شىنجاڭنى دائىم زىيارەت قىلىپ ، شىنجاڭ بىلەن ئىلىم-پەن، مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان