خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە: 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ، مالتا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ياش كادىرلار ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كىشىلىرى بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغان.
بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى سارىيى ، ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى زالى» ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى بۇ رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى: مائارىپ ، داۋالاش ، مەدەنىيەت ، ساياھەت ، مىللەت ، دىن ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان.
زىيارەت گۇرۇپپىس ئەزالىرى بىردەك، خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممەيلەنگە ئايان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ بەختلىك ۋە تىنچ-ئامان تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىدا شەك يوق ئىكەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ئىكەنلىكى، غەرب ئەللىرىنىڭ دېگىنىدەك «ئېرىقى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، شۇنداقلا مالتا دۆلىتىنىڭ ئىزچىل خىتاي بىلەن ناھايىتى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا دوستلۇقنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.